تۈركىيەدىن 26 دۆلەتكە ھەسەل ئېكسپورت قىلىندى

2023-يىلى يانۋاردىن فېۋرال ئېيىغىچە بولغان مەزگىلىدە تۈركىيەدىن ھەسەل ئېكسپورتى 6 مىليون 485 مىڭ 105 دوللارغا يەتتى.

1966207
تۈركىيەدىن 26 دۆلەتكە ھەسەل ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارا دېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەت ھەمدى گۇردوغان تۈركىيەدىن بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا  ھەسەل 26 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1-ئايدىن 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەسەل ئېكسپورتىنىڭ 2 مىڭ 76 توننىغا يەتكەنلىكىنى بايان قىلغان گۈردوغان، بۇ ئېكسپورتتىن 6 مىليون 485 مىڭ 105 دوللار كىرىم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان ئۈچ دۆلەت بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا 1 مىليون 881 مىڭ 9 دوللار بىلەن ھەسەل ئېكسپورتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. ئامېرىكادىن كېيىن 1 مىليون 593 مىڭ 938 دوللار بىلەن ئىسىرائىلىيە ئىككىنچى، 963 مىڭ 153 دوللار بىلەن گېرمانىيە ئۈچىنچى بولدى. بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا، بۇلغارىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىرېلاندىيە، خوڭكوڭ، لىۋىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر