تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 1- ئايدا يېرىم پوئىنت تۆۋەنلەپ 9.7 گە چۈشتى.

1957943
تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يانۋار ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك كۈچلىرى ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى.

ئىشسىزلىق نىسبىتى 2022- يىلى 8- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تاق سانغا، باشقىچە ئېيتقاندا، يانۋار ئېيىدا 0.5 پوئىنت تۆۋەنلەپ 9.7 گە چۈشتى.

ئىشسىزلار سانىنىڭ ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 166 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، 3 مىليون 424 مىڭ ئادەمگە قىسقارغانلىقى قەيت قىلىندى.

31 مىليون 837 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 0.5 پوئىنت ئۆرلەپ، %48.9 كە يەتتى. ئىشسىزلارنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىگە قېتىلىش نىسبىتى %54.1 كە ئۆرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر