بۇلغارىيە ساياھەتچىلىكتە تۈركىيە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدۇ

بۇلغارىيە ساياھەت مىنىستىرى ئىلىن دىمىتروۋ تۈركىيەنىڭ بۇلغارىيەنىڭ ساياھەتچىلىكتە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1938550
بۇلغارىيە ساياھەتچىلىكتە تۈركىيە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيە ساياھەت مىنىستىرى ئىلىن دىمىتروۋ «ئىنۋېست بۇلغارىيە ئاگېنتلىقى» تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا سودا-سانائەت ۋە سېلىنما مۇنبىرى» گە قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

ئۇ: «تۈركىيە، بۇلغارىيەنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان شېرىك دۆلىتى. بىز تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ كونكرېت ھالغا ئەكىلىمىز» دېدى.

ئۇ بۇلغارىيە-تۈركىيە ئارىلاشما ساياھەت كومىتېتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىنى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن يەنە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا بۇلغارىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ رەقەملەر بازارنىڭ ناھايىتى دىنامىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا، مۇھىم تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئۇ فېۋرالدىن (2023) تارتىپ بۇلغارىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ساياھەت مەسلىھەتچىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر