تۈركىيە 2022 - يىلىدا 145 مىليون دوللارلىق گۈل ئېكسپورت قىلدى

زىننەت گۈللىرى ۋە مەھسۇلاتلار ساھەسى بۇلتۇر 85 دۆلەتكە تەخمىنەن 145 مىليون دوللارلىق گۈل ئېكسپورت قىلدى.

1927178
تۈركىيە 2022 - يىلىدا 145 مىليون دوللارلىق گۈل ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە 3500 دىن ئارتۇق يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرى بولۇپ، كەسمە گۈل، ئۆي ئىچى ۋە سىرتىدا بېقىلىدىغان گۈللەر، ئۆسۈملۈكلەر، مايسىلار، كۆچەتلەر، گۈل چەمبىرىكى ۋە موس تۈرلىرىنى چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلماقتا.

پارنىك ۋە ئوچۇق يايلاقتىكى ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئېكسپورت پەسلىنى 12 ئايغا چىقارغان گۈل-گىياھ ساھەسى، ئاساسلىقى ياۋروپا دۆلەتلىرى بولۇپ، جەمئىي 85 دۆلەتكە  مەھسۇلات يوللىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر