ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت سوممىسىنىڭ 300 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئېكسپورتنىڭ ھەر ئاي رېكورت يارىتىپ 300 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1916343
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت سوممىسىنىڭ 300 مىليارد دوللارغا  يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «تۈركىيە 2023-يىللىق باشلىقلار يىغىنى ۋە پۇل سۆھبىتى» مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا، دۇنيانىڭ يېقىنقى 3 يىلدا يۇقۇم بىلەن باشلىنىپ، كەسكىن توقۇنۇشلار ۋە رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىكلەر بىلەن مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن ئازابلىق بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن ئېنېرگىيە، يېمەكلىك ۋە خام ئەشيا باھاسى پەيدا قىلغان پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن نىسبەتەن راھەت ئۆتكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ئېكسپورتنىڭ ھەر ئاي يېڭى رېكورتلارنى يارىتىپ، 300 مىليارد دوللارلىق ئۆتكەلگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «يولغا قويغان تەدبىرلىرىمىز سايىسىدا، ئىنشائاللاھ، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ پۇل پاخاللىقىنىڭ بېلىنى سۇندۇرغان بولىمىز» دېدى.

2023-يىلىنى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شۇنداقلا ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلار روياپقا چىقىرىلغان ئابىدە خاراكتېرلىك بىر يىلغا ئايلاندۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «<تۈركىيە ئەسىرى> تەسەۋۋۇرىمىزنى ھەر جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە توختاپ قالمايمىز، كۈرىشىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر