تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئۇچۇدىغان ئايروپىلانلاردا كوۋىد -19 تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كىرىشتە ۋاكسىنا كارتىسى ياكى PCR سىنىقى قىلىش مەجبۇرىيىتى يوقلىقىنى ئېلان قىلدى.

1906782
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا، «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يولغا قويۇلغان كوۋىد -19 تەدبىرلىرى ئاخىرلاشتى. بۇ دۆلەتكە كىرىشتە ۋاكسىنا كارتىسى ياكى PCR سىنىقى قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىشىڭىزغا تېلەكداشمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر