پاكىستان رۇسىيەدىن بۇغداي سېتىۋېلىش پىلانىنى ماقۇللىدى

پاكىستان رۇسىيەدىن 300 مىڭ توننا بۇغداي ئىمپورت قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

1900287
پاكىستان رۇسىيەدىن بۇغداي سېتىۋېلىش پىلانىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرى، پاكىستان كىرىم ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئىساق دار باشچىلىقىدىكى ئىقتىسادىي ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رۇسىيەدىن 300 مىڭ توننا بۇغداي ئىمپورت قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان بۇغداينىڭ ھەر بىر توننىسى ئۈچۈن 372 دوللار تۆلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇغداي 1-نويابىردىن 15-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا يۆتكىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر