مىسىر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن قەرز كېلىشىمى ھاسىل قىلدى
مىسىر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ئۈچ مىليارد دوللارلىق قەرز كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد مۇئىت ،پايتەخت قاھىرەدە پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ئالتە ئايلىق ئىسلاھات پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئۈچ مىليارد دوللارلىق قەرز كېلىشىمى تۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن مۇھەممەد مۇئىت، بۇنىڭدىن باشقا سىجىللىق فوندىدىن بىر مىليارد دوللار مەبلەغ ۋە باشقا خەلقئارالىق شېرىكلەردىن تەخمىنەن 5 مىليارد دوللار مەبلەغ ئالىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
مىسىر مەركىزى بانكىسى بۈگۈن ئەتىگەندە بايانات بېرىپ، يەرلىك پۇل بىرلىكىنىڭ تاشقى پىرېۋوت ئالدىدىكى قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.