ئىستانبۇلغا ئالتە ئايدا 6 مىليون 755 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچى كەلدى
ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا، ئىستانبۇلغا ئالتە ئايدا 6 مىليون 755 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا، ئىستانبۇلنى ئىيۇندا 1 مىليون 470 مىڭ 586، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا 6 مىليون 755 مىڭ 300 چەت ئەللىك ساياھەتچىنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىستانبۇل ۋالىيسى يەرلىكايا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا، ئىيۇن ئېيى ۋە 2022 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئىستانبۇلغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر سانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىپ: «مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ساياھەتنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلىمىزغا ئىيۇن ئېيىدا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى 1 مىليون 470 مىڭ 586 بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا شەھىرىمىزگە كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى 6 مىليون 755 مىڭ 300. مېھمانلىرىمىزنىڭ تەڭداشسىز ئىستانبۇلىمىزغا كېلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىران بىر ئەتكەس يېقىلغۇ پاراخوتىنى قولغا چۈشۈردى
ئىران پارس قولتۇقىدا «ئەتكەس يېقىلغۇ» ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈردى.