موسكۋا بىلەن رىياد «ئوپېك+» كېلىشىمىگە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى — ئوپېك بىلەن ئوپېكقا ئەزا ئەمەس نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر گۇرۇھى — ئوپېك+ ئارىسىدىكى كېلىشىمگە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1861304
موسكۋا بىلەن رىياد «ئوپېك+» كېلىشىمىگە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاكنىڭ پايتەخت موسكۋادا سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز بىن سالمان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

نوۋاك بىلەن سالماننىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا: «بۇنىڭدىن باشقا (ئۇچرىشىشتا) دۇنيا نېفىت بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. رۇسىيە بىلەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوپېكقا ئەزا ئەمەس نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر گۇرۇھى — ئوپېك+  OPEC + كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، بازارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە تەلەپ - تەمىنلەش تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىغا قەتئىي سادىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر