ئىستانبۇل ماي ئېيىدا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋىلىشتا رېكورت ياراتتى

ئىستانبۇل ماي ئېيىدا 1 مىليون 402 مىڭ 366 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، يېقىنقى 33 ئاي ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش رېكورتى ياراتتى.

1849708
ئىستانبۇل ماي ئېيىدا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋىلىشتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا شەھەرنى زىيارەت قىلغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 5 مىليون 284 مىڭ 714 كە يەتكەن. ماي ئېيىدىلا 1 مىليون 402 مىڭ 366 كىشى ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغان.

ئىستانبۇلغا كەلگەن چەت ئەللىكلەر ئىچىدە گېرمانىيەلىكەر 115 مىڭ 635 ساياھەتچى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

گېرمانىيەلىكلەردىن قالسىلا رەت بويىچە 98 مىڭ 751 ساياھەتچى بىلەن ئىرانلىقلار ئىككىنچى، 92 مىڭ 455 ساياھەتچى بىلەن رۇسىيەلىكلەر ئۈچىنچى، 70 مىڭ 733 ساياھەتچى بىلەن ئامېرىكالىقلار تۆتىنچى، 65 مىڭ 243 ساياھەتچى بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەربەشىنچى، 57 مىڭ 824 ساياھەتچى بىلەن فىرانسىيەلىكلەر ئالتىنچى، 46 مىڭ 755 ساياھەتچى بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەر يەتتىنچى، 34 مىڭ 816 ساياھەتچى بىلەن ئىراقلىقلار سەككىزىنچى، 34 مىڭ 777 ساياھەتچى بىلەن گوللاندىيەلىكلەر توققۇزىنچى ۋە 32 مىڭ 204 ساياھەتچى بىلەن ئۆزبېكىستانلىقلار 1ئونىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر