مايدا سەككىز دۆلەتكە قىلىنغان ئېكسپورتتا رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيە ماي ئېيىدا سەككىز دۆلەتكە قىلغان ئېكسپورتىدا رېكورت ياراتتى.

1845212
مايدا سەككىز دۆلەتكە قىلىنغان ئېكسپورتتا رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ماي ئېيىدىكى ئېكىسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %15.2 ئېشىپ، 18 مىليارد 972 مىليون دوللارغا يەتكەن.

تۈركىيە سېنېگال، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي ماكېدونىيە، رىۋاندا، تاجىكىستان، كامېرون، كوستارىكا ۋە قاراتاغقا قىلغان ئايلىق ئېكسپورتىدا رېكورت ياراتقان.

تۈركىيە بۇ مەزگىلدە سېنېگالغا 87 مىليون 265 مىڭ دوللارلىق، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە 71 مىليون 236 مىڭ دوللارلىق، شىمالىي ماكېدونىيەگە 66 مىليون 522 مىڭ دوللارلىق، رىۋانداغا 32 مىليون 54 مىڭ دوللارلىق، تاجىكىستانغا 31 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق، كامېرونغا 30 مىليون 844 مىڭ دوللارلىق، كوستارىكاغا 28 مىليون 409 مىڭ دوللارلىق، قاراتاغغا 28 مىليون 255 مىڭ دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان.

تۈركىيە ئېكسپورتتا رېكورت ياراتقان 8 دۆلەتنىڭ 5 ىگە (سېنېگال، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي ماكېدونىيە، كامېرون ۋە كوستارىكاغا) ئەڭ كۆپ پولات-تۆمۈر ئېكسپورت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر