ئۇگاندا: تۈركىيەلىك كارخانىچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىدىن خۇرسەنمىز

ئۇگاندا پىرېزىدېنتى يوۋېرى مۇسەۋەنى تۈركىيەلىك كارخانىچىلارنىڭ دۆلىتىگە مەبلەغ سېلىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1826417
ئۇگاندا: تۈركىيەلىك كارخانىچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇگاندانىڭ پايتەختى كامپالادا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئۇگاندا سودا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مىنىستىرلار ۋە كارخانىچىلار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

باشلىقلار يىغىنىغا ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان مۇسەۋەنى، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەلىك كارخانىچىلارنىڭ دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. ئۇگانداغا مەبلەغ سېلىش پەقەت ئۇگانداغا مەبلەغ سېلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇگاندا، شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەزاسىدۇر. شۇ ۋەجىدىن،، ئۇگانداغا سېلىنغان مەبلەغ پۈتكۈل شەرقىي ئافرىقانىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ. دەرۋەقە، بۇ غايەت چوڭ بىر بازاردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر