رۇسىيە بۇلغارىيە بىلەن پولشانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى — گازپروم، رۇبلى تۆلەش سىستېمىسىغا رىئايە قىلمىغاچقا، بۇلغارىيە بىلەن پولشانى تەبىئىي گاز تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1818911
رۇسىيە بۇلغارىيە بىلەن پولشانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن «دوست ئەمەس» دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە تەبىئىي گازىنى رۇبلىغا سېتىۋېلىشى توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەنىدى.

پۇتىن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەگەر ئۇلار پۇلنى رۇبلى بويىچە ھېسابلاپ تۆلىمىسە، رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز توختامى توختىتىلىدۇ» دېگەنىدى.

گازپروم بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، رۇبلى ئارقىلىق تۆلەش سىستېمىسىغا رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلغارىيە بىلەن پولشانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر