ياۋروپا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش بانكىسىنىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى رېكورت سەۋىيەگە يەتتى

ياۋروپا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش بانكىسى تۈركىيەگە سالغان مەبلىغىنىڭ 20221 – يىلى 2 مىليارد ياۋروپاغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1769525
ياۋروپا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش بانكىسىنىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى رېكورت سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش بانكىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بانكىنىڭ  تۈركىيەگە سالغان مەبلىغىنىڭ 20221 – يىلى 2 مىليارد ياۋروپاغا يەتكەنلىكى، بۇ مەبلەغنىڭ 85% تىن كۆپرەكىنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىككە، % 55 ىنىڭ سىجىل لايىھەلەرگە ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«كوۋىد – 19» يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەربىدىن كېيىن، خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئۆتكۈنچى باسقۇچقا ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە،  2021-يىلى تۈركىيەگە 2 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بانكىنىڭ ئۆز مەبلىغىدىن باشقا يەنە، ئالدىنقى يىلى باشقا مەنبەلەردىن 572 مىليون ياۋرولۇق مەبلەغ سېلىنىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر