ئىران رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىمى تۈزدى

ئىران رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدە مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىنى پات يېقىندا كۆرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1765720
ئىران رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران نېفىت مىنىستىرى جەۋاد ئۇچى ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرناغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى نىكولاي شۇلگىنوف بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ بىر ئاي ئىلگىرى ئەتراپلىق ئېنېرگىيە پىلانى تەييارلاپ رۇس شىركەتلىرىگە سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن: «رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدە مۇھىم كېلىشىملەر ئىمزالاندى. رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن چوڭ شىركەتلىرى بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ كېڭەيتىلىشى، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇش ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياخشى كېلىشىملەر تۈزۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇچى رۇسىيە دائىرىلىرى ۋە ئېنېرگىيە شىركەتلىرى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنىڭ نەتىجىسىنىڭ پات يېقىندا كۆرۈلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر