تۈركىيە يېيىشلىك زەيتۇن ئېكسپورتىدا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم يېيىشلىك زەيتۇن ئېكسپورت سوممىسىنى 150 مىليون دوللاردىن ئاشۇردى.

1726990
تۈركىيە يېيىشلىك زەيتۇن ئېكسپورتىدا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە دېڭىزى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، 2019 – ۋە 2020-يىللىرى ئېكسپورت قىلىنغان 84417 توننا يېيشلىك زەيتۇن ئېكىسپورتى، 145 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق تاشقى پېرېۋوت كىرىمى ياراتقان.

2020- ۋە -2021 - يىللىرى 430 مىڭ توننا يېيىشلىك زەيتۇن يىغىۋېلىنغان ۋە 88 مىڭ 430 توننىسى ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 150 مىليون 142 مىڭ دوللارلىق چەتئەل پېرېۋوتى قولغا كەلتۈرۈلگەن.

گېرمانىيە قارا زەيتۇن سېتىۋىلىستا 33 مىليون 500 مىڭ دوللار بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئۇنىڭدىن قالسىلا 18 مىليون 800 مىڭ دوللار بىلەن ئىراق ئىككىنچى، رۇمىنىيە 17 مىليون 700 مىڭ دوللار بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

يېشىل زەيتۇن ئېكسپورتىدىمۇ گېرمانىيە 8 مىليون 800 مىڭ دوللار بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، ئىراق 7 مىليون 100 مىڭ دوللار بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، ئامېرىكا 3 مىليون 700 مىڭ دوللار بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر