تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئاۋغۇستتا % 51.9 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورتى ئاۋغۇستتا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 51.9 ئېشىپ، 18 مىليارد 916 مىليون دوللارغا يەتتى.

1712700
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئاۋغۇستتا % 51.9 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان  تۈركىيەنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىكى ۋاقىتلىق تاشقى سودىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورتى ئاۋغۇستتا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 51.9 ئېشىپ، 18 مىليارد 916 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئاۋغۇستتا، گېرمانىيە ئېكسپورتتا بىرىنچى رەتكە تىزىلغان. گېرمانىيەگە  قىلىنغان ئېكسپورت 1 مىليارد 575 مىليون دوللارغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلىنغان ئېكسپورت 1 مىليارد 313 مىليون دوللارغا، ئەنگىلىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت 1 مىليارد 194 مىليون دوللارغا، ئىراققا قىلىنغان ئېكسپورت 939 مىليون دوللارغا، ئىسپانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت 839 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئالدىنقى 5 دۆلەتكە قىلىنغان ئېكسپورت، ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ% 31.0 نى تەشكىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر