خوندا ياپونىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلدى

ئاپتوموبىل شىركىتى خوندا، ماتور ۋە تورمۇز سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۆزەك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى سەۋەبىدىن ياپونىيەدىكى زاۋۇتلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1678316
خوندا ياپونىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ۋە 5G تور ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان ئۆزەك ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئۆزەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، خوندا شىركىتى 2- ئاۋغۇستتىن 6- ئاۋغۇستقىچە دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مىي ئۆلكىسىدىكى زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ ئارىلىقتىكى ئىشلەپچىقىرىش پەرقى 9 – ئايدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە تولدۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياپون ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىسى خوندا، مىي ئۆلكىسىدە كۈنىگە 2000 ماشىنا ئىشلەپچىقىرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر