تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياۋروپا بويىچە بىخەتەرلىكتە ئەڭ ياخشى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياۋروپا بويىچە بىخەتەرلىكتە ئەڭ ياخشى ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
1675747
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى باش مۇدىرى بىلال ئەكشى تىۋىتتېر ھېسابىدا تېمىغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر دائىم بىخەتەر ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
بىلال ئەكشى: «چەتئەل خەلق ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرى يېقىنقى 1 يىلدا 31 دۆلەت، 46 ئايرودورۇمدا، 64 (SAFA) تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى. بىز 0.175 بايقالماسلىق نىسبىتى بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق. بىز دائىم بىخەتەر ۋە راھەت ئۇچۇپ كەلمەكتىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.