رۇسىيەدىن تۇنجى ساياھەت ئۆمىكى ئانتالياغا يېتىپ كەلدى
بۈگۈن (2021-يىلى 22-ئىيۇن) رۇسىيەدىن تۇنجى ساياھەت ئۆمىكى «ساياھەت پايتەختى ئانتاليا» غا يېتىپ كەلدى.
1662403
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن رۇسىيە تەرىپىدىن تۈركىيەگە قارىتا 15-ئاپرېل (2021) باشلىغان ئايروپىلان سەپىرى چەكلىمىلىرى 22-ئىيۇن ئاخىرلاشتى.
رۇسىيە پايتەختى موسكۋا ۋنۇكوۋا (Vnukova) ئايرودۇرۇمىدىن كۆككە كۆتۈرۈلگەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى 132 يولۇچى بىلەن، ئەنقەرە ۋاقتى 05:40 ئۆتكەندە ئانتاليا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.
ئايروپىلاندىن چۈشكەن يولۇچىلار مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، يۇقۇم تەدبىرلىرى ئاستىدا مېھمانسارايلارغا قاراپ يول ئالدى.
بىر كۈن ئىچىدە رۇسىيەدىن 44 ئايروپىلان بىلەن 12 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنىڭ ئانتالياغا كېلىشى كۈتۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.