ئىشسىزلىق نىسبىتى ئېلان قىلىندى
تۈركىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 2020 – يىلى نويابىردا 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا 0.9 تۆۋەنلەپ،% 12.9 بولدى.
1580851
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ مەزگىلدە ئىشسىزلارنىڭ سانى 303 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، 4 مىليون 5 مىڭ ئادەمگە تۆۋەنلىدى.
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2020 – يىللىق خىزمەت كۈچىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئىشسىزلار سانى، 2020-يىلى نويابىردا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 303 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، 4 مىليون 5 مىڭ ئادەمگە چۈشكەن.
ئوخشاش مەزگىلدە، ئىشسىزلىق نىسبىتى % 0.9 ئازىيىپ، % 12.9 گە تۆۋەنلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.