يانۋار ئېيىدا چاي ئېكسپورتى ئاشتى
تۈركىيەدىن يانۋار ئېيىدا 60 دۆلەتكە 392 توننا چاي ئېكسپورت قىلىنىپ، 1 مىليون 643 مىڭ 128 دوللار كىرىم قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي ئاقدېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەدىن يانۋار ئېيىدا 60 دۆلەتكە 392 توننا چاي ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 1 مىليون 643 مىڭ 128 دوللار كىرىم قىلىنغان. بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسىرائىلىيە ئەڭ كۆپ چاي ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر بولغان.
2021-يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدا بېلگىيەگە 809 مىڭ 688 دوللار قىممىتىدە، گېرمانىيەگە 125 مىڭ 440 دوللار قىممىتىدە ۋە ئىسىرائىلىيەگە 102 مىڭ 293 دوللار قىممىتىدە چاي ئېكسپورت قىلىندى.
ئۆتكەن يىل (2020) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە چاي ئېكسپورت قىلىنمىغان ئىسىرائىلىيە، شىۋېتسىيە، لىۋان، رۇمېنىيە. ئۇگاندا، دانىيە، كۇۋەيت، ئالجىرە، ياپونىيە، قىرغىزىستان، گابون، موڭغۇلىيە، يېڭى زېلاندىيە، لىبېرىيە، بەھرەين، ماراكەش، مالايشىيا، گانا، ئىسپانىيە ۋە مالىغا، بۇ مەزگىلدە چاي ئېكسپورت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
تۈركىيەنىڭ فىندىق ئېكسپورتى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 8 ئايلىق فىندىق (ئورمان ياڭىقى) ئېكىسپورتى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى.