ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ياۋرو رايونى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى كىرىستىن لاگاردې ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ كېچىكىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىنىڭ «رېلىستىن چىقىپ كېتىشى» گە يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1571056
ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ياۋرو رايونى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ «2021 – يىللىق داۋوس كۈنتەرتىپى» يىغىنلىرى دائىرىسىدە تور مۇھىتى ئاستىدا «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قايتا جانلاندۇرۇش» تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى كىرىستىن لاگاردې، سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، 2020-يىلىنىڭ تۆتىنچى پەسىلدە ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىنىڭ دائىرىسىنىڭ تارىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شارائىتىنىڭ شىركەتلەر ۋە ئائىلىلەرگە ماس كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «يۇقۇمدىن كېيىن ئىقتىسادىي ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ.»

گەرچە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ يېڭى تۈرلىرى ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان ۋە بۇ دائىرىدە قاتتىق تەدبىرلەر قوللىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، 2021 – يىلىنىڭ «ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش يىلى» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان لاگاردې، ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كېچىكىشى مۇمكىن، شۇڭا ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىنىڭ <رېلىستىن چىقىپ كېتىشى> گە يول قويماسلىق كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر