«2-شىمالىي ئېقىم» قۇرۇلۇشى قايتا باشلاندى
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن فورتۇنا تۇرۇبا ياتقۇزۇش پاراخوتى، «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا قايتا خىزمەت قىلىشقا باشلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىگە مەسئۇل نورد سچىم شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، فورتۇنا پاراخوتىنىڭ دانىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە «2-شىمالىي ئېقىم» قۇرۇلۇشىنى قايتا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيەنىڭ گازپروم (Gazprom) ئېنېرگىيە شىركىتى 19-يانۋار (2021) ئېلان قىلغان باياناتىدا، «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لايىھەسىنىڭ سىياسىي بېسىملار كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن توختىتىپ قويۇلۇش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش خەتىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدرۈگەن ئىدى.
لايىھە قۇرۇلۇشى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تەھدىتىنىڭ تەسىرىدە، 2019-يىلى دېكابىردا توختىتىلغان ئىدى. جەمئىي مالىيىتى 10 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا بولىدىغان ۋە %94 قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقان «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسى سايىسىدا، يىلدا 55 مىليارد كۇب مېتىر رۇسىيە گازىنى بالتىق دېڭىزىدىن گېرمانىيەگە يەتكۈزۈش پىلان قىلىنماقتا.
ئامېرىكا، ئۇكرائىنا، پولشا بىلەن بالتىق دۆلەتلىرى قارشى چىققان لايىھەنىڭ شېرىكلىرى ئارىسىدا، لايىھەنىڭ خوجايىنى گازپرومدىن باشقا شېل (Shell)، ئو م ۋ (OMV)، ئېنجى (Engie)، يۇنايپېر (Uniper) ۋە ۋىنتېرشەل (Wintershall) قاتارلىق شىركەتلەر بار.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيە 23 دۆلەتكە قارادېڭىز سالمون بېلىقى ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا 23 دۆلەتكە 3 مىڭ 980 توننا سالمون بېلىقى ئېكسپورت قىلدى.