ئامېرىكادىن يولغا چىققان كاتتا پاراخوتنىڭ 21 - يانۋاردا تۈركىيەگە يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە

ئامېرىكانىڭ كوۋ پوئېنت پورتىدىن يولغا چىققان «گاسلوگ سالىم» ناملىق «LNG» (تەبىئىي گاز) پاراخوتى 21 - يانۋاردا تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ.

1562116
ئامېرىكادىن يولغا چىققان كاتتا پاراخوتنىڭ 21 - يانۋاردا تۈركىيەگە يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارالىق پاراخوت كۆزىتىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 8 - يانۋاردا كوۋ پوئېنت پورتىدىن يولغا چىققان  «LNG» (تەبىئىي گاز) پاراخوتى ئامېرىكا دېڭىز تەۋەلىكىدە يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ پاراخوتنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 154 مىڭ 948 كۇب مېتىر بولۇپ، 21 - يانۋار ئەلىئاغا «LNG» (تەبىئىي گاز)  تېرمىنالىغا يېتىپ كېلىشى پىلانلانماقتا.

بېرمۇدا بايراقلىق پاراخوت 2015 - يىلى ياسالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر