تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان مەركىزىي بانكىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسى بىلەن ئەزەربەيجان مەركىزىي بانكىسى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1547923
تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان مەركىزىي بانكىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «14 – دېكابىردا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسى بىلەن ئەزەربەيجان مەركىزىي بانكىسى ئوتتۇرىسىدا بانكىچىلىك مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىنى رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى. كېلىشىمگە ئاساسەن ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى پىلانلانماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر