ئامېرىكا رۇسىيە ۋە خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى.

1535944
ئامېرىكا رۇسىيە ۋە خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە سۈرىيە قورالسىزلاندۇرۇش قانۇنى دائىرىسىدە، رۇسىيە ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قارارنامىدە، ھەر ئىككى دۆلەتتىن ئىككىدىن شىركەتنىڭ، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنولوگىيەسىنى سەزگۈر تېخنولوگىيە ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرىگە ياردەمچى بولىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى تەشەببۇستىن يىراق تۇرۇشى تەلەپ قىلىندى.

ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مۇددىتىنىڭ ئىككى يىل كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن قارارنامىدە، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چەت ئەللىك تېخنولوگىيە ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر