ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلارۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل بېلارۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1531020
ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلارۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بورېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېلارۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى، جۈملىدىن، بېلارۇسىيەدە ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن، پىرېزىدېنت ئالېكساندىر لۇكاشېنكونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 تىن ئارتۇق رەھبەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ھازىرغىچە پەقەت شەخسلەرنىلا نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە بىر قىسىم ئورۇنلار ۋە شىركەتلەرنىڭمۇ  كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئېمبارگولارغا قارىماي، بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بورېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ، يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن، ئېمبارگولارنىڭ نىشانىنى، بېلارۇسىيەنىڭ بىر قىسىم سەزگۈر ئىقتىسادىي نۇقتىلىرىغا قارىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر