ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئاشتى

«ساياھەت پايتەختى» ئانتالياغا 1-يانۋاردىن 13-سېنتەبىرگىچە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2 مىليون 3 مىڭ 946 گە يەتتى.

1491796
ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئاشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليادا ئىيۇل ئېيىدا ساياھەت ئىشلىرى جانلانغان بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن يۇقۇم مەزگىلىدە  باشلانغان «بىخەتەر ساياھەت گۇۋاھنامىسى پروگراممىسى» دائىرىسىدە بىخەتەر ۋە ساغلام ساياھەت مۇلازىمىتى قىلىنماقتا.

ئانتالياغا دېڭىز، قۇم، قۇياش، گۈزەل يېزىلار ۋە كېمە ساياھىتىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن  1-يانۋاردىن 13-سېنتەبىرگىچە 2 مىليون 3 مىڭ 946 ساياھەتچى كەلدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 2 مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى ساياھەت ساھەسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى.

ئانتالياغا 13-سىنتەبىگىچە ئەڭ كۆپ ساياھەتچى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر ئىچىدە، رۇسىيە 703 مىڭ 463 ساياھەتچى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، ئۇكرائىنا 354 مىڭ 518 ساياھەتچى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، گېرمانىيە 239 مىڭ 673 ساياھەتچى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر