تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى بۈگۈن قايتىدىن باشلىنىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن توختىتىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى بۈگۈندىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىدۇ.

1483225
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى بۈگۈن قايتىدىن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى بىلەن ئۆزبېكىستان قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ 24 - ئاۋغۇستتىكى يىغىنىدا 2 - سېنتەبىردىن باشلاپ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى قارار قىلىنغانىدى.

مەزكۇر يىغىندا، كوۋىد - 19 يۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن دۆلەتلەرنىڭ يولغا قويغان تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىنغانىدى.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقىنىڭ ئايرودۇرۇم ۋە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ چوقۇم رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان بەلگىلىمىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، بۈگۈندىن باشلاپ نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر