‹The Telegraph› گېزىتى: TOGG تۈركىيەنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تۇنجى ئاپتوموبىلى
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «‹The Telegraph› گېزىتى»، TOGG نىڭ تۈركىيەنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تۇنجى ئاپتوموبىلى ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرسا ۋىلايىتىنىڭ گەملىك ناھىيەسىدىكى تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى TOGG ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىنى، شۇ كۈنكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشلەر قاتارىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان گېزىتنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيەنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تۇنجى ئاپتوموبىلى TOGG نىڭ ئىنژېنېرلىق، لايىھە ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى، بۇرسا ۋىلايىتىنىڭ گەملىك ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.»
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان فوتو سۈرەت، «‹The Telegraph› گېزىتى» نىڭ شۇ كۈننىڭ مۇھىم فوتو سۈرەتلىرى كاتېگورىيەسىدە ئېلان قىلىندى.
TOGG مەسئۇلى گۈرجان قاراقاش، 1.2 مىليون كىۋادرات مېتىرلىق ساھەگە قۇرۇلىدىغان، 230 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۈستى يېپىق ساھەدە روياپقا چىقىرىلىدىغان زاۋۇتنىڭ، يىلىغا 175 مىڭ دانە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە 4300 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.