ۋۇخەن ۋىرۇسى يەر شارى تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولدى

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمى ۋە شىمالىي يېرىم شاردىكى ئىسسىق قىش شارائىتى سەۋەبىدىن، يەر شارى تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ بۇ يىل 150 مىليارد كۇب مېتىر تۆۋەنلەپ، 3 تىرىليون 850 مىليارد كۇب مېتىرغا چۈشۈپ قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

1433096
ۋۇخەن ۋىرۇسى يەر شارى تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ %4 لىك تۆۋەنلەش يەر شارى يىللىق تەبىئىي گاز ئېھتىياجى بويىچە تارىختىكى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش دەپ رۇيخەتكە ئېلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاجانتىسى (IEA) نىڭ 2020 - يىللىق تەبىئىي گاز دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارى تەبىئىي گاز بازىرىدا ئېھتىياج كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن، بۇ يىل ئامېرىكا ياۋروپا ۋە ئاسىيا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان بازارلاردىكى تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى %75 كە يېتىشى مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى يەر شارى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىرىدىكى بازارغا سېلىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، بۇ ساھەلەردىكى چىقىمنىڭ ئازىيتىلىشىنى ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېشىشىدا باشلامچىلىق رولىغا ئىگە ئامېرىكا قىيا گازىمۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋە روسىيەنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئېھتىياجنىڭ ئېنىقسىزلىقى سەۋەبىدىن بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر