ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدە ئىشسىزلىك نىسبىتى 2020-يىلى فېۋرال ئېيىدا ئۆتكەن يىلى (2019) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %1.1 چۈشۈپ %13.6 گە تۆۋەنلىدى.

1414837
ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2020-يىلى فېۋرال ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق رەقەملەرنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە 15 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ياشلاردىكى ئىشسىزلىك سانى، فېۋرال ئېيىدا ئۆتكەن يىلى (2019) نىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا 502 مىڭ كىشى ئازىيىپ 4 مىليون 228 مىڭ بولغان. ئىشسىزلىق نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدە %1.1 چۈشۈپ %13.6 گە تۆۋەنلىگەن.

يېزا ئىگىلىكىنى ھېسابلىمىغاندىكى ئىشسىزلىك نىسبىتى %1.5 چۈشكەن ۋە %15.4 دەپ تەخمىن قىلىنغان. ئىشسىزلىق نىسبىتى 2020-يىلى فېۋرالدا مارت ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %0.2 تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر