رۇس مىلياردېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

رۇسىيەلىك مىلياردېر  كارخانىچى دمىترى بوسوۋ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

1412758
رۇس مىلياردېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر شىركەتلىرىدىن ۋوستوكۇگول گۇرۇھى بىلەن سىبانتھراكىتې گۇرۇھىنىڭ خوجايىنلىرىدىن 52 ياشلىق بوسوۋ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئۇنىڭ جەسىتى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن كېچە موسكۋا ئەتراپىدىكى ئۆيىدىن تېپىلغان.

«‹ Forbes› ژۇرنىلى»  تەرىپىدىن بۇ يىل ئېلان قىلىنغان تىزىملىككە ئاساسلانغاندا، بوسوۋ 1.1 مىليارد دوللارلىق مال – مۈلكى بىلەن رۇسىيەدىكى ئەڭ باي 82 – كارخانىچى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر