تۈركىيەنىڭ چاي ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيەدە بۇ يىل (2020) نىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئايلىق چاي ئېكسپورتى ئۆتكەن يىل (2019) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %51 ئېشىپ 3 مىليون 875 مىڭ 510 دوللارغا يەتتى.

1398556
تۈركىيەنىڭ چاي ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارا دېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا تۈركىيەدىن 75 دۆلەتكە 1047 توننا چاي ئېكسپورت قىلىنغان. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 880 توننا چاي ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، 2 مىليون 573 مىڭ 794 دوللار كىرىم قىلىنغان ئىدى. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، تۈركىيەدىن بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا قىلىنغان چاي ئېكسپورت مىقدارى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %19 ئېشىپ، ئەمەلىي قىممەتتە %51 ئاشقان.

بۇ مەزگىلدە بېلگىيە چاي ئېكسپورتىدا 1 مىليون 471 مىڭ 123 دوللار بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. 504 مىڭ 417 دوللار بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىككىنچى ئورۇندا، 422مىڭ 793 دوللار بىلەن گېرمانىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر