تۈركىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىللىق نىسبەتتە % 7.9 ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىللىق نىسبەتتە % 7.9 ئاشقان، ئەڭ تېز ئېشىش، % 8.5 بىلەن كانچىلىق ۋە تاشچىلىق سانائىتى مەھسۇلاتلىرىدا كۆرۈلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئورۇننى، % 8.2 لىك ئېشىش بىلەن ياسىمىچىلىق كەسپى ئىگىلىگەن.
سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تېخنولوگىيە ساھەسىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ۋە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بىز ئىشلەپچىقىرىش سېپىدە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات نىشانىنى كۆزلەپ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.