خام نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى كۈنسېرى تۆۋەنلىمەكتە

برېنت (خام) نېفىتنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسى 33.97 دوللارغا چۈشۈپ قالدى.

1377813
خام نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى كۈنسېرى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تېز سۈرئەتتە پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە نېفىتكە بولغان تەلەپكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، برېنت (خام) نېفىتنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسىمۇ كۈنسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئاپرېلدىن بۇيان خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش پىلانى، خەلقئارا خام نېفىت بازىرىدىكى ئارتۇقچە تەمىنلەشنىڭ ئېشىپ كېتىش خەۋپىنى تۇغدۇرۇپ، نېفىت باھاسىنىڭ يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىشىغا ھەم كۈنسېرى تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا.

خام نېفىت تېخنىكىلىق جەھەتتىن 34.12 – 34.82 دوللار ئارىلىقىدا يۈكسەك سەۋىيەدە، 33.41 – 32.70 دوللار ئارىلىقىدا تۆۋەن سەۋىيەدە سېتىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر