تۈركىيە ئۆزبېكىستاندا ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان 3 – دۆلەتكە ئايلاندى

ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستېكا كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆزبكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان چەت ئەل شىركەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

1361661
تۈركىيە ئۆزبېكىستاندا ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان 3 – دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاندا چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان جەمئىي 10 مىڭ 604 شىركەت بارلىقى، تۈركىيەنىڭ 1306 شىركىتى بىلەن ئۆزبېكىستاندا ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان رۇسىيە ۋە خىتايدىن قالسىلا 3دۆلەتكە ئايلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ئۆزبېكىستاندا رۇسىيە مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى 1864، خىتاي مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى 1690، تۈركىيە مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى 1306، قازاقىستان مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى 827، ياپونىيە مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى 824 ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى 4093 ئىكەن.

چەت ئەل مەبلىغى بىلەن ئۆزبېكىستاندا قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى سانائەت، سودا ۋە بىناكارلىق ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. سانائەت ساھەسىدە 3758، سودا ساھەسىدە 2645، بىناكارلىق ساھەسىدە 824، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ساھەسىدە 591، مۇلازىمەت ساھەسىدە 472، ترانسپورت ساھەسىدە 284، ئۇچۇر ئالاقە ساھەسىدە 274، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ساھەسىدە 148 چەت ئەل شىركەتلىرى پائالىيەت قىلماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر