ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى بۇلتۇر 104 مىليوندىن ئارتۇق يولۇچىنى كۈتۈۋالدى.

1339210
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاتاتۈرك، سابىھا گۆكچەن ۋە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇملىرىنىڭ 2019 – يىلقى يولۇچىلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 547 مىڭ 788 كىشى ئېشىپ، 104 مىليون 123 مىڭ 394 كە يەتتى.

بۇلتۇر  ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىن جەمئىي 16 مىليون 72 مىڭ 534 يولۇچى ساياھەت قىلدى. يولۇچىلىرىنىڭ سانى يىلسېرى كۆپىيىۋاتقان سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن كىرىپ – چىقىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ سانى 35 مىليون 472 مىڭ 850 گە يەتتى.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىنمۇ ئالدىنقى يىلى 52 مىليون 578 مىڭ 8 يولۇچى ساياھەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر