«تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بۈگۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

1336782
«تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بۈگۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ
putin istanbul.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇراسىمغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكسانساندار ۋۇچىچ ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ قاتارلىقلار قاتنىشىدىكەن. ئەردوغان، بۇ دائىرىدە مېھمان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن، ھەمدە سۈرىيە ۋە لىۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ھەم خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن. ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئىستانبۇلغا كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر