خىتاي ئەنگلىيەنىڭ چوڭ پولات شىركىتىنى سېتىۋالىدىغان بولدى

خىتاينىڭ پولات ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى «جىڭيى گۇرۇھى» ئەنگلىيەنىڭ پولات شىركىتى «British Steel» نى سېتىۋىلىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1304583
خىتاي ئەنگلىيەنىڭ چوڭ پولات شىركىتىنى سېتىۋالىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىڭيى گۇرۇھىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنگلىيەنىڭ چوڭ پولات شىركىتى «British Steel» نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقتا ئىكەنلىكى ۋە سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، جىڭيى گۇرۇھى باشلىقى لى گانپونىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە پولات ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەخمىنەن 1 مىليارد فوندسىتېرلىڭ مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئەنگلىيەنىڭ پولات شىركىتى «British Steel» دا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىنىمۇ نىشان قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيەنىڭ خىزمەت، ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىستىراتېگىيەسى ئىشلىرى مىنىستىرى ئاندىرا لېدسوم، ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنى كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىجابىي بىر قەدەم دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سېتىلىش باھاسى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى. ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىدا بولسا، خىتاينىڭ پولات ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ شىركىتىنىڭ «British Steel» نى 50 ياكى 70 مىليون فوندسىتېرلىڭغا سېتىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنگلىيەنىڭ پولات شىركىتى «British Steel» ماي ئېيىدا ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شىركەتنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋەكىل تەيىنلەپ، نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر بىلەن ئۇزۇنغىچە ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئەنگلىيەنىڭ پولات شىركىتى «British Steel» نىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدا تەخمىنەن 5000 كىشى ۋە تەمىنلەش بازىلىرىدا بولسا، تەخمىنەن 20 مىڭ كىشى ئىشلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر