سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇم، رۇسىيە بازىرىنى جانلاندۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن نېفىت باھاسىدا كۆرۈلگەن ئۆرلەش سەۋەبىدىن رۇسىيە پايچېك بازىرى ۋە رۇبلىسىنىڭ قىممىتى ئېشىشقا باشلىدى.

1270231
سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇم، رۇسىيە بازىرىنى جانلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى «Saudi Aramco» غا تەۋە مۇئەسسىسەلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، نېفىت باھاسى ئېشىپ، ۋارىل باھاسى 66 دوللارغا ئۆرلىگەنلىكى سەۋەبىدىن موسكۋا پايچېك بازىزى كۆرسەتكۈچى كۈننىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا %0.9 ئاشتى ۋە 2818 نۇمۇرغا ئۆرلىدى. 

«Russia Trading System» رۇسىيە سودا سىستېمسىنىڭ كۆرسەتكۈچى %1.8 لىك ئېشىش بىلەن 1393 نۇمۇرغا يەتتى. رۇسىيە رۇبلىسىمۇ دوللارغا قارشى 1 - ئاۋغۇستتىن بۇيان تۈنجى قېتىم قىممەت يارىتىپ، ئەسلىدىكى 64 تىن 63.77 گە چۈشتى.

شەنبە كۈنى يەرلىك ۋاقىت سائەت 04:00 تە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى «Saudi Aramco» غا تەۋە 2 مۇئەسسىسەگە يەمەندىكى خۇسىيلار تەرىپىدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان ئىدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى «Saudi Aramco» دۇنيا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ %6 گە تەڭ كېلىدىغان كۈندىلىك 5 مىليون 700 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر