ئافرىقا قىتئەسى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى ئىمزالاندى

ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئافرىقا قىتئەسى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1231707
ئافرىقا قىتئەسى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى 12-نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نىگېرگە جەم بولدى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە، پايتەخت نىيامېيدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا باشلىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقان ئافرىقا دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ، ئافرىقا قىتئەسى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى، ئورتاق پۇل بىرلىكى ئىشلىتىش، خەۋپسىزلىك ۋە تېررورىزم قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان نىگېر پىرېزىدېنتى ماھامادو ئىسسوف يىغىندا، ئافرىقا قىتئەسى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تەقدىردە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت ئىسسوف مۇنداق دېدى: «بەزى سودا بەلگىلىملىرى قەدىممۇ قەدەم بىكار قىلىنغان تەقدىردە ئافرىقا قىتئەسى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى تۈرتكىسىدە ئافرىقا قىتئەسىدىكى شىركەتلەرگە زور پۇرسەت تۇغۇلىدۇ.»

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىشتىن ئىلگىرى نىگېرىيە، بېنىن، گابون ۋە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى قاتارلىق دۆلەتلەر ئافرىقا قىتئەسى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىنى ئىمزالىغانىدى.

ئافرىقادىكى 22 دۆلەتنىڭ ئىمزالىشى نەتىجىسىدە 30-مايدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ئافرىقا قىتئەسى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەڭ كۆپ دۆلەت ئىمزالىغان ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 1 مىليارد 200 مىليون نوپۇسى ۋە 2 تىرىليون 500 مىليون دوللارلىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش سوممىسى بار.

مەزكۇر كېلىشىمنى ئېرىترېيەدىن باشقا بارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىمزالىدى.

ئافرىقا قىتئەسى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىگە كۆرە، ئافرىقا قىتئەسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدىغان سودىدا تاموژنا بېجى %90كىچە تۆۋەنلىتىلىدىكەن.


خەتكۈچ: #ئافرىقا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر