ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى 750 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالىي پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشى «دۆلەت مۇداپىئەسى قانۇنىي ھوقۇققا ئىگە قىلىش قانۇن لايىھەسى» دەپ ئاتالغان 750 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

1226980
ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى 750 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لايىھە 8 گە قارشى 86 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۈچۈن 642 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلغان لايىھەدە، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك پىروگراممىلىرى ئۈچۈن 23 مىليارد دوللار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بولسا 75 مىليارد دوللار ئاجرىتىلدى. خامچوتنىڭ قالغان قىسمى جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن ئايرىلدى.

ئالىي پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن خامچوت مىقدارىنىڭ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن خامچوت مىقدارىدىن 17 مىليارد دوللار كۆپ بولۇشى، جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكرات سىياسىيونلار پۈتۈشەلمىگەن چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە يادرو بېشىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇيدىغان يېڭى ئەۋلاد يەر ئاستى كېمىلىرى قاتارلىق ماددىلارنىڭمۇ بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئالىي پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن قانۇن لايىھەسىنىڭ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن لايىھەگە ماس كېلىشى شەرت ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوت لايىھەسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان كېيىن قانۇنلىشىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ماقۇللۇقىغا سۇنۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر