تۈركىيەدە ئوقۇغان بىر خىتاي تىئەنجىندە ئىستانبۇل يېپىق بازىرىنى تەقلىد قىلدى
لۇ كې ئىسىملىق خىتاي پۇقراسى خىتاينىڭ تىئەنجىن شەھىرىدە ئىستانبۇلنىڭ ئاتاقلىق كاپالى چارشى (يېپىق بازىرى) نى تەقلىد قىلىپ، بازار باغچىسى قۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، خىتايغا قايتقان لۇ كې ئىسىملىق خىتاي پۇقراسى خىتاينىڭ تىئەنجىن شەھىرىدە ئىستانبۇلنىڭ ئاتاقلىق كاپالى چارشى (يېپىق بازىرى) نى تەقلىد قىلىپ، بازار باغچىسى قۇردى ۋە پەقەتلا تۈركىيە مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدىغان مەركەزگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت سودىسىغا ھەسسە قوشۇشقا باشلىدى.
بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن ۋە 2010 – يىللىق شاڭخەي ئېكسپورت يەرمەنكىسىدە تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىدىن تەسىرلەنگەن لۇ كې، ئىستانبۇلنىڭ ئاتاقلىق كاپالى چارشى (يېپىق بازىرى) نى تەقلىد قىلىپ، ماگزىن شەكلىدە لايىھەلەنگەندە ھەممەيللەننىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالايدىغانلىقىنى ئويلاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى.
ئەڭ دەسەپ 2013 – يىلىدا بىر سودا ساراينىڭ ئىچىدە كۆلىمى 800 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان جايغا ماگزىن ئاچتى ۋە تۈركىيەگە خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا باشلىدى.
لۇ كې چېنە – قاچىدىن، ئەنجۈر قېقىغا، شىشە زىبو – زىننەت بويۇملىرىدىن ئانتىپ پىستىسىغا قەدەر مىڭىلغان تۈركىيە مەھسۇلاتىنى ماگزىنغا سالغاندىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ ساياھەت مەركەزلىرىنىمۇ تونۇتۇشنى داۋاملاشتۇردى.
كېيىنچە بۇ ماگېزىننىڭ كۈندىلىك زىيارەتچىلىرى سانىنىڭ 2000 مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى ۋە يەر يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن تىئەنجىن شەھىرىدە كۆلىمى 2000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېڭى ماگزىن ئاچتى.
ماگزىننىڭ بىنا شەكلى بولسا، بىر تۈرك مېمار تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ ئاتاقلىق كاپالى چارشى (يېپىق بازىرى) ئۈلگە قىلىنىپ لايىھەلەندى.
2015 – يىلى مۇلازىمەتنى باشلىغان بۇ يېڭى ماگزىننى يىلىغا 500 مىڭ خىتاي پۇقراسى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيەنىڭ – يېمەك ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى، چىنە – قاچا ۋە شىمە زىننەت ئەشيالىرىنىڭ زور قىزىقىش قوزغىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئانتەپ پىستىسى، ئەنجۈر، تۈركىيە ماروژناسى، خىرۇم چاپان، گۈل سۈيى، تۈرك تاتلىق – تۇرۇمى قاتارلىق مەھسۇلاتلار خىتايلارنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.