قاتار ۋە گېرمانىيەدىن ئىزمىرغا بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ

23-مايدىن باشلاپ ئىزمىر-دوھا ئارىسىدا، 1-ئىيۇندىن باشلاپ گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرى بىلەن ئىزمىر ئارىسىدا بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1185958
قاتار ۋە گېرمانىيەدىن ئىزمىرغا بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىر ۋالىي مەھكىمىسى مەبلەغ كۆزىتىش ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە كوردىناتسىيە مۇدىرى مەھمەت ئەنسارىئوغلۇ: «ئىزمىر نوپۇسى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكى، دۆلىتىمىزدە مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان جەلپ قىلارلىق نۇقتا بولۇشى، تارىخى، يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە 365 كۈننىڭ 300 كۈنىدىن جىقىراق ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلىشقا ئاسان بولۇشى بىلەن، بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرىگە لايىق. بۇ يەرگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ، ساياھەتچىلەرنىڭ، سودا-سانائەتچىلەرنىڭ كېلىشى، ھەم ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەمدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەتىگە پايدىلىق» دېدى.

كورېندون ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى تۇغبا ئۆزكان گۈنەر 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئىزمىر بىلەن گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرى ئارىسىدا بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئىزمىر كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان شەھەر. ياۋروپانىڭ تېخىمۇ كۆپ شەھەرلىرىنى ئىزمىرغا باغلاشنى مەقسەت قىلدۇق» دېدى.

قاتار ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىكى سېتىش مۇدىرى ئەۋرەن ئۆكمەن تۈركىيەدىكى يېڭى ئۇچۇش نۇقتىسى بولغان ئىزمىر ئايروپىلان سەپەرلىرى ئۈچۈن 23-ماينىڭ باشلىنىش ۋاقتى بولغانلىقىنى، ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ دوھا بىلەن ئىزمىر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر