ياۋروپا، قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى فىتچقا 5 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي جازا بەردى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا كۆچمە مۆلۈكلەر ۋە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى ئورگىنى، قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى فىتچقا 5 مىليون 130 مىڭ ياۋرو ئىقتىسادىي جازا بەردى.

1172524
ياۋروپا، قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى فىتچقا 5 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي جازا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەرمايە بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئورگىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى فىتچقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 5 مىليون 130 مىڭ ياۋرو ئىقتىسادىي جازا بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر ئىقتىسادىي جازانىڭ، 2013 – يىلى ئىيۇندىن 2018 – يىلى ئاپرېلغىچە بولغان جەرياندا فىتچنىڭ ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى شېرىكلىرىنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەرمايە بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئورگىنى، 2016 – يىلىمۇ قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – فىتچقا بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 مىليارد 370 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي جازا بەرگەنىدى.

مەزكۇر ئورگان يەنە، 2017 – يىلى قەرز ئىناۋەت دەرىجىىسىنى باھالاش شىركىتى – موديسغىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا 1 مىليارد 240 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي جازا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر