ليۇ خې، ستېۋېن منۇچىن ۋە روبېرت لايتزېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

خىتاي مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى، قوشۇمچە باش مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ خې، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن ۋە ئامېرىكا سودا ئىشلىرى ۋەكىلى روبېرت لايتزېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1161975
ليۇ خې، ستېۋېن منۇچىن ۋە روبېرت لايتزېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىقتىساد ۋە سودا سۆھبەتلىرىنىڭ مەزمۇنىدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەن تەرەپلەر، خىزمەت پىلانىنىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچقا ئالاقىدار قەدەملىرىنى بېكىتىپ چىققان.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «باش مۇزاكىرىچىسى» سۈپىتىدە خىتاي – ئامېرىكا سودا سۆھبەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا.

خىتاي سودا مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ۋاڭ شوۋېن ھەپتە ئاخىرىدا بايانات بېرىپ، لىدىرلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن يۆنىلىشنى بويلىغان، پىرىنسىپنى چىقىش قىلغان ھالدا كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن، بۇ دائىرىدە سۆھبەتلەرنىڭ ئادىل ۋە باراۋەر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، جۈمە كۈنى خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق، بۇنىڭ ئامېرىكىغا پايدىلىق بولمىغان ئەھۋالدا ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ ئۆتكەن ئاي ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنىڭ بېيجىڭ لىنىيەسىدە «پىرىنسىپتا پىكىر بىرلىكى» ھاسىل قىلىنغان، ۋاشىنگتون تەرىپىدە بولسا، «خىتايغا يۈرگۈزۈلىدىغان قوشۇمچە باجلارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى» قارار قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر