تۈركىيە ئېكسپورتتا رېكورت يارىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئېكسپورتىنىڭ فېۋرال ئېيىدا %3.7 ئېشىپ، 14 مىليارد 312 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1156616
تۈركىيە ئېكسپورتتا رېكورت يارىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان تاشقى سودا رەقەملىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيەنىڭ دۇنيا سودىسىدا كۆرۈلگەن بارلىق مەسىلىلەرگە قارىماي قولغا كەلتۈرگەن تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى فېۋرال ئايلىق ئېكسپورت رەقىمىنى ئېلان قىلماقتىمىز» دېدى.

ئۇ فېۋرال ئېيدا ئىمپورت نىسبىتىنىڭ %18.7 ئازىيىپ، 16 مىليارد 161 مىليون دوللار بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «شۇنداق قىلىپ 2019-يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا ئېكسپورتىمىز %5 ئەتراپىدا ئاشقان بولدى، ئىمپورت نىسبىتى %23.1 ئازايدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر